06.01.2015 Views

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

SHOW MORE
SHOW LESS

Create successful ePaper yourself

Turn your PDF publications into a flip-book with our unique Google optimized e-Paper software.

پروف.‏ در.‏ ئالائىددىن يالچىنكايا / شهرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مۇهىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى ۋە خىتاي ئىشغالىيىتى

ئهسكهرلىرىنى ئېغىر تالاپهتكه ئۇچرىتىپ،‏ كۈچلۈك بىر تۈرك هاكىمىيىتى قۇردى.‏

بۇ خهۋەرلهر ههققىدە دۆلىتىگه مهلۇمات يوللىغان ئىنگىلىز ۋەكىلى روبېرت ب.‏ شاۋ

ئۆز قايغۇسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:‏

‏«كېڭهيمىچىلىك ههرىكهتلىرى ئارقىلىق ئهنئهنىۋىي ۋە كۈچلۈك تۇڭگان

خانلىقى دەپ ئاتالغان كونا يۇرتلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپلا قالماي،‏ شهرق تهرەپتىكى

خىتاي يۇرتلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلىمهكته.‏ شۇڭا ئىلىنىڭ شهرقىي شىمالىدىكى

رايونلار ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.‏ ئاتىلىق غازىنىڭ ئۇ يهردىكى نوپۇزى ئىلىدىكىگه

نىسبهتهن بهكمۇ ئاجىز بولسىمۇ،‏ بۇ نوپۇزنى پۈتۈنلهي يوقىتىپ تاشلاش كېرەك.‏ ئۇ

يهرلهرنى هېلىمۇههم ئهڭ قالايمىغان رايون دەپ قاراشقا بولىدۇ،‏ چۈنكى هازىرغىچه

هېچكىم مۇتلهق ئۈستۈنلۈكنى قولغا كهلتۈرەلمىدى»‏ . 14

1867 يىلى كۇچارنى،‏ 1869 يىلى كورلىنى،‏ 1871 يىلى تۇرپاننى قولغا

كىرگۈزگهن ياقۇب بهگ شهرقىي تۈركىستاندا هاكىممۇتلهق ئورۇنغا ئۆتۈپ،‏ مۇكهممهل

دۆلهت تهشكىلاتى قۇردى.‏ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،‏ خىتاي هاكىمىيىتىنىڭ

ئاخىرلىشىشى بىلهن،‏ شهرقىي تۈركىستاندا تولۇق مۇستهقىل بىر دۆلهت ئوتتۇرىغا

چىقتى.‏ قهشقهرىيه دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە هۆكۈمدارى ئهمىر ياقۇب بهگ

يېقىنقى بىر قانچه ئهسىر ئىچىدە ئاسىيادىن يېتىشىپ چىققان ئهڭ كۈچلۈك ۋە

مۇستهقىل هۆكۈمران ئىدى . 15

يىقىلغان مانجۇ خاندانلىقىنىڭ تېرىتورىيىسىگه قاراشلىق يهرلهردىكى

تۈرك بهگلىكلىرىنى بىرلهشتۈرگهن ۋە تېخى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان

قهشقهرىيهدىكى ئىنگىلىز ۋەكىللىرىدىن شاۋ بىلهن هايۋارد دۆلهت تهرىپىدىن قولغا

ئېلىنىپ،‏ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش پائالىيهتلىرى ههققىدە سوراققا تارتىلدى ۋە

زىندانغا قامالدى.‏ ئهمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئهنگىلىيه خانىشى نامىدا بازار ئههۋالىنى

ئۇقۇش ئۈچۈن كهلگهنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى.‏ ‏(ئىككى دۆلهت ئارىسىدىكى)‏

دىپلوماتىك ئالاقه نهتىجىسىدە ئىككى ۋەكىل قويۇپ بېرىلدى.‏ قۇرۇلۇش باسقۇچىدا

تۇرۇۋاتقان ۋە كۆپلىگهن جايلىرىدا قالايمىقانچىلىق تولۇق بېسىقمىغان بىر دۆلهتته

ئۆزلىرى خالىغانچه ئايلانماقچى بولغان بۇ ۋەكىللهرنىڭ ئۆز دۆلىتىگه يوللىغان

دوكلاتلىرىدا قهشقهرىيه دۆلىتىنىڭ مهدەنىي تۇرمۇشى،‏ ‏(جهمئىيهتنىڭ)‏ تېنچ،‏

ئاسايىش بهرقارار ئىكهنلىكى،‏ خهلقنىڭ خاتىرجهم ۋە پاراغهت ئىچىدە ياشايدىغانلىقى

بايان قىلىنغانىدى . 16 ئىنگىلىز هۆججهتلىرىدىكى بۇ بايانلار مهزكۇر دۆلهت خهلقىگه

41

Hooray! Your file is uploaded and ready to be published.

Saved successfully!

Ooh no, something went wrong!