06.01.2015 Views

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

SHOW MORE
SHOW LESS

Create successful ePaper yourself

Turn your PDF publications into a flip-book with our unique Google optimized e-Paper software.

هۆر شهرقىي تۈركىستان سۆهبهت يىغىنى

٥. ئوقۇ ئوقۇتۇشتىكى يولسىزلىق

بىلىم ئېلىش ههرقانداق ئىنساننىڭ تۇغما ههققىدۇر.‏ ئهمما شهرقىي

تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ تۇغما ههققىمۇ قوللىرىدىن تارتىۋېلىنماقتا.‏ چۈنكى

ههقىقىي ئىلىم زورلاش ياكى تېڭىش بىلهن ئهمهس،‏ بهلكى ئارزۇ ئىستهك بىلهن

ئۆگىنىلىدۇ.‏ لېكىن شهرقىي تۈركىستاندا ئوقۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرى پۈتۈنلهي

دۆلهتنىڭ ئىلكىدە بولۇپ،‏ ‏”ههممه نهرسه دۆلهت مهنپهئهتى ئۈچۈن خىزمهت قىلىشى

كېرەك“‏ دەپ قارايدىغان خىتاي هاكىمىيىتى ئۆزى خالىغان كىشىنى ئۆزى

خالىغان يۆلىنىشته،‏ ئۆزى خالىغان دەرىجىدە ۋە ئۆزى خالىغان رەۋىشته ئوقۇتماقتا.‏

يهنى مائارىپتا ‏”ساۋاتسىز قېلىپ،‏ ئىشلىرىمىزنى قىيىنلاشتۇرمىسۇن؛ كۆپ

بىلىپ كېتىپ،‏ بېشىمىزغا بالا بولمىسۇن!“‏ مهنتىقىنى ئاساس قىلماقتا.‏ مۇشۇ

مهنتىقىگه ئاساسهن ئۇنىۋېرسىتېتقىچه ئوقۇش ئهركىنلىكى بولسىمۇ،‏ مهيلى

قايسى ساههدە بولمىسۇن،‏ ئىختىساس ئىگىسى بولۇش مۇمكىن ئهمهس.‏ پهقهت

دۆلهتنىڭ ئېهتىياجىغا ئاساسهن تاللىۋېلىنغان بهزى كىشىلهرلا چهكلىك سهۋىيهدە

يېتىشتۈرۈلۈپ،‏ خىزمهتكه ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.‏ ئۆزى ئارزۇلىغان كهسپته ئىختىساس

ئىگىسى بولۇشقا تىرىشقان ههرقانداق شهرقىي تۈركىستانلىق كۈتۈلمىگهن يهردىن

توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدۇ.‏ مائارىپ ئورگانلىرىدا دەرسلىك كىتاب مهزمۇنلىرىمۇ

دۆلهت تهرىپىدىن بهلگىلهنگهچكه،‏ مهكتهپلهردە خىتايچه ئوقۇتۇش ۋە ئاتېئىزم

تهربىيىسى مهجبۇرىي يولغا قويۇلماقتا.‏ ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي،‏ تارىخىي ۋە دىنىي

بىلىملهر ئهسلى بويىچه ئۆگىتىلمهي،‏ دۆلهت تهرىپىدىن تۈزۈپ بېرىلگهن ۋە

بۇرمىلانغان مهلۇماتلار مهجبۇرىي تېڭىلماقتا.‏

٦. ساياههت يولسىزلىقى

ساياههت قىلىش ئىنسانلارنىڭلا ئهمهس،‏ بهلكى بارلىق جانلىقلارنىڭ تۇغما

ههققى بولۇپ،‏ بىرىنىڭ ساياههت ئهركىنلىكىنى چهكلهش،‏ ئۇنى بىر يهرگه قاماپ

قويۇش هېسابلىنىدۇ.‏ شهرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ساياههت ئهركىنلىكىمۇ

چهكلهنمهكته ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يهرلهرگه ‏(شهههر يېزىغا)‏ قاماپ قويۇلماقتا.‏

شهرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆزى خالىغانچه چهتئهاللهرگه چىقىشى ئۇياقتا تۇرسۇن،‏

خۇددى ههربىي هالهت ۋاقتىدىكىدەك،‏ بىر شهههردىن باشقا بىر شهههرگه،‏ بىر مهههالله

‏(يېزا كهنت)دىن يهنه بىر مهههللىگه بېرىشىمۇ پات پات چهكلىنىپ تۇرىدۇ.‏ مىڭبىر

172

Hooray! Your file is uploaded and ready to be published.

Saved successfully!

Ooh no, something went wrong!