11.07.2015 Views

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

SHOW MORE
SHOW LESS

You also want an ePaper? Increase the reach of your titles

YUMPU automatically turns print PDFs into web optimized ePapers that Google loves.

مۇقهددىمه١٨ ئهسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن ئېتىبارەن خىتاي قوشۇنى تهرىپىدىنپات پات ئىستېلا قىلىنغان،‏ ١٩٤٩ يىلى پۈتۈنلهي بېسىۋېلىنغان ۋە ١٩٥٥ يىلى خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونى ئېلان قىلىنغان شهرقىي تۈركىستانهېلىمۇههم ئىشغالىيهت ئاستىدا تۇرماقتا.‏ تارىخىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا،‏قهشقهردە،‏ ئۈرۈمچىدە،‏ تۇرپاندا ئىنسانىيهتكه قارشى جىنايهت ئۆتكۈزۈلمهكته.‏٦١ يىلدىن بۇيان،‏ شهرقىي تۈركىستان خهلقىنىڭ ئىنسانىي ههق هوقۇقلىرىدەپسهندە قىلىنماقتا.‏ خىتاي هۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق هالدا ئاققۇن كۆچۈرۈپچىقىشى تۈپهيلىدىن،‏ شهرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆز ۋەتىنىدە يۇرتتىن يۇرتقاكۆچۈپ يۈرۈشكه ۋە چهتئهاللهرگه هىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشكه زورلانماقتا.‏مهجبۇرىي يۈرگۈزۈلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق تۇغۇلۇشئالدىدىكى بالىلارنىڭ مهجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىش؛ روزا تۇتۇش،‏ مهسجىد جامهلهرگهكىرىشنى مهنئى قىلىش؛ ئوقۇ ئوقۇتۇش،‏ خىزمهتكه ئورۇنلىشىش ۋە سههىيهخىزمهتلىرىدىن پايدىلىنىشقا چهكلىمه قويۇش؛ هاشارغا سېلىش،‏ سۈرگۈنقىلىش،‏ قولغا ئېلىش ۋە بىگۇناه ئاممىنى تۈرمىگه سولاش دېگهندەك قىلمىشلارشهرقىي تۈركىستان خهلقى ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر پارچىسىغائايلىنىپ قالدى.‏نهسىلدىن نهسىلگه بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر خهلقنىڭ هېكايىسى،‏ خهلقئارامۇناسىۋەتنىڭ رېئال سىياسىتى ‏(بولغان شهرقىي تۈركىستان مهسىلىسى)‏ تهتۈرتهشۋىقات ۋە بۇرمىلاپ كۆرسىتىش تۈپهيلى دۇنيا جامائهتچىلىكىگه يېتهرلىكدەرىجىدە تونۇلمايۋاتىدۇ.‏بۇ كىتاب،‏ شهرقىي تۈركىستان خهلقى تارىختىن بېرى دۇچ كېلىۋاتقان قانۇنسىزقىلمىشلارنى پاش قىلىش؛ شهرقىي تۈركىستاننى ئاممىۋىي تهشكىلاتلارنىڭ تهپتىشخىزمىتىگه ئېچىش؛ شهرقىي تۈركىستان مهسىلىسىنىڭ ههق ۋە ئادالهتنى چىقىشقىلغان هالدا ههل قىلىنىشى ئۈچۈن دۆلهتلىك،‏ ئاممىۋىي،‏ يهرلىك ۋە خهلقئارالىقئورگان تهشكىلاتلارنى بۇ خىزمهتكه داخىل قىلىشنى مهقسهت قىلغان ‏«هۆرشهرقىي تۈركىستان سۆهبهت يىغىنى»نىڭ ماقالىلىرىن تهركىپ تاپقان.‏ تۈركچه،‏ئىنگىلىزچه،‏ ئۇيغۇرچه ۋە ئهرەبچه تىللىرىدا تهييارلانغان ماقالىلارنىڭ شهرقىيتۈركىستان مهسىلىسىنىڭ ههل قىلىنىشى ۋە شهرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.‏7

Hooray! Your file is uploaded and ready to be published.

Saved successfully!

Ooh no, something went wrong!