11.07.2015 Views

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

SHOW MORE
SHOW LESS

Create successful ePaper yourself

Turn your PDF publications into a flip-book with our unique Google optimized e-Paper software.

هۆر شهرقىي تۈركىستان سۆهبهت يىغىنىنۇرغۇنلىغان مهدەنىيهتلهرنىڭ كېسىشمه نۇقتىسىدا يهر ئالىدۇ،‏ هازىر بولسا،‏شهرق تهرىپى خىتاي ۋە مۇڭغۇلىيه بىلهن،‏ شىمالى رۇسىيه بىلهن،‏ غهربىي قىسمىقازاقىستان،‏ قىرغىزىستان،‏ تاجىكىستان،‏ ئافغانىستان،‏ پاكىستان ۋە هىندىستانبىلهن،‏ جهنۇبىي قىسمى تىبهت بىلهن چېگرىلىنىدۇ.‏شهرقىي تۈركىستان ناهايىتى باي تارىخقا ۋە پهرقلىق جۇغراپىيىگه ئىگه بىرتۇپراقتۇر.‏ شهرقىي تۈركىستاندا چهكسىز كهتكهن چۆاللهر،‏ غايهت زور تاغلار،‏ گۈزەلدەريالار،‏ يايلاقلار ۋە ئورمانلار بار.‏ بۇ رايۇننىڭ ٪٤٣ كه يېقىن قىسمى چۆاللهر بىلهن،‏٪٤٠ كه يېقىن قىسمى تاغلار بىلهن قاپلانغان.‏شهرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق ئالاهىدىلىكلىرىيهرشهكلىبۇ بۈيۈك تۇپراقنىڭ ئاساسلىق ئالاهىدىلىكى بولسا،‏ ئۈچ چوڭ تاغ تىزمىسىبىلهن قاپلانغان ئىككى چوڭ ئويمانلىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.‏ بۇ ئىككىچوڭ ئويمانلىقنىڭ بىرسى،‏ جهنۇبىي قىسىمغا جايلاشقان‎٥٣٠‎ مىڭ كۋادىراتكلومېتىر كهڭلىكتىكى تارىم ئويمانلىقى؛ ئىككىنىچىسى،‏ شىمالىي قىسمىغاجايلاشقان ٣٠٤ مىڭ ٢٠٠ كۋادىرات كلومېتىرلىق يۈز ئۆلچىمىگه ئىگه بولغانجۇڭغار ئويمانلىقىدۇر.‏ تارىم ئويمانلىقىغا دۇنيانىڭ ئهڭ چوڭ چۆللىرىدىن بىرىهېسابلىنىدىغان تهكلىماكان چۆلى جايلاشقان،‏ جۇڭغار ئويمانلىقىغا قۇربان توڭغۇتچۆلى جايلاشقان.‏تاغلارتهڭرى تاغلىرى شهرقىي تۈركىستاننىڭ دەل ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپئۆتىدۇ ۋە شهرقىي تۈركىستاننى جهنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى قىسمغائايرىپ تۇرىدۇ.‏ تهڭرى تاغلىرىنىڭ شهرقىي تۈركىستاندىكى قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى١٧٠٠ كلومېتىردىن ئاشىدۇ،‏ كهڭلىكى بولسا - ٢٥٠ ٣٠٠ كلومېتىر ئهتراپىدابولۇپ،‏ شهرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئالتاي تاغلىرىبۇ رايون بىلهن مۇڭغۇلىيه،‏ رۇسىيه ۋە قازاقىستان ئارىسىدىكى چېگرىلىرىنىشهكىللهندۈرىدۇ.‏ ئالتاي تاغلىرىنىڭ شهرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى قىسمىنىڭئۇزۇنلۇقى ٤٠٠ كلومېتىردىن ئاشىدۇ.‏ شهرقىي تۈركىستاننىڭ جهنۇبىغا جايلاشقان190

Hooray! Your file is uploaded and ready to be published.

Saved successfully!

Ooh no, something went wrong!