11.07.2015 Views

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

SHOW MORE
SHOW LESS

You also want an ePaper? Increase the reach of your titles

YUMPU automatically turns print PDFs into web optimized ePapers that Google loves.

پروف.‏ در.‏ ئالائىددىن يالچىنكايا / شهرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مۇهىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى ۋە خىتاي ئىشغالىيىتىئههۋالغا قارشى تهدبىر ئېلىش ئۈچۈن،‏ ئوسمانىيلار ۋە ئهنگىلىيه بىلهن سىياسىيۋە ئهسكىرىي جهههتته ههمكارلىشىش لازىملىقىنى تونۇپ يهتكهنىدى.‏ شۇڭا،‏1873 يىلى ئهلچىسى سهييىد ياقۇب خان تۆرىنى ئىستانبۇلغا ئهۋەتىپ،‏ ئۆزىنىڭئوسمانىيلار پادىشاهىغا بهيئهت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى . 26 سهييىد ياقۇب خانئۆز دۆلىتىنىڭ ئههۋالى ۋە ئېهتىياجلىق تهرەپلىرى،‏ بولۇپمۇ ئهسكىرىي جهههتتهقورال ياراق ۋە تهلىم تهربىيه مهسىلىلىرى ههققىدىكى تهلهپلىرىنى تهپسىلىيبايان قىلدى.‏ ئوسمانىيلار هۆكۈمىتى پادىشاه ئالىيلىرىنىڭ تهكلىپى بىلهن ياقۇببهگنىڭ بهيئىتى ۋە تهلهپلىرىنى قوبۇل قىلدى . 27 هالبۇكى،‏ بۇ يىللاردا ئوسمانىيلاردۆلىتى ئۆزىمۇ بىر مۇنچىلىغان ئىچكى ۋە تاشقى مهسىلىلهر بىلهن ئاۋارە بولۇپ،‏بۇ مهسىلىلهرنىڭ بىر قىسمىنى تۈركىستان ئىشغالىيىتىنى پىلانلىغۇچىلاردىنبىرى بولغان ئىگناتىيېۋنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى كهلتۈرۈپچىقارغانىدى.‏ كۆپ ئۆتمهي،‏ شهرقىي تۈركىستاندا ئوسمانىيلار پادىشاهىنىڭ نامىغاخۇتبه ئوقۇلدى ۋە يارماق بېسىلدى . 28رۇسلاردىن ئۆزئارا ههمكارلىشىش تهلىپىگه جاۋاب ئالالماسلىقى ۋە رۇسلارنىڭنارىن دەرياسى بويىغا قهلئه قۇرغاندىن كېيىن،‏ شهرقىي تۈركىستانغا تههدىتسېلىشى ياقۇب بهگنىڭ ئوسمانىيلار پادىشاهىغا بهيئهت قىلىپ،‏ ئۇنىڭدىن قوماندان،‏قورال ياراق ۋە ئۇستا تهلهپ قىلىشىغا سهۋەب بولغان مۇهىم ئامىل ئىدى.‏ شۇئارىدا،‏ ئىنگىلىزلهر بىلهن قۇرۇلغان تىجارىي مۇناسىۋەت تهرەققىي قىلىپ،‏ 1876 يىلى ئهڭ يۇقىرى سهۋىيهگه يهتتى.‏ لورد ليتتوننىڭ:‏ ‏«سىياسىي نوپۇز دائىرىمىزدەتۇتقا قىلىشقا تېگىشلىك لىنىيه ئومۇمهن ۋاقتى كهلگهندە ئاكتىپ هالدا قولغائالىدىغان جۇغراپىيىلىك لىنىيهگه ماس كېلىشى كېرەك»‏ دېگهن جۈملىسىئهنگىلىيه سىياسىتىنىڭ خۇلاسىسى بولۇپ،‏ مانا بۇ سىياسهت قهشقهرىيهنىڭتهقدىرىنى بهلگىلىگهنىدى.‏ ‏”چوڭ ئويۇن“‏ ۋە بۇ ئويۇنغا تۈرتكه بولغان ئىنگىلىز رۇس مهخپىي هېساب كىتابىغا تايانغان بىر بىرىگه پاس چىقىرىش ههرىكهتلىرىهېچقاچان توختاپ قالمىغانىدى . 29‏”چوڭ ئويۇن“نىڭ ئاساسلىق ئۇنسۇرى قهشقهرىيهنىڭ ئهمهلىي دۈشمىنىبولغان خىتاي ۋە رۇسىيه ئهمهس ئىدى.‏ چۈنكى بۇ ئىككى دۆلهتكه قوراللىق قارشىتۇرۇش ئارقىلىق هاكىمىيهتنى قوغداپ قالغىلى بولاتتى.‏ بۇ يهردىكى ئاساسلىقئۇنسۇر كۆرۈنۈشته دوستلۇق ۋە تىجارەت كېلىشىملىرى تۈزۈپ،‏ ‏(قهشقهرىيهدە)‏45

Hooray! Your file is uploaded and ready to be published.

Saved successfully!

Ooh no, something went wrong!