11.07.2015 Views

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

SHOW MORE
SHOW LESS

Create successful ePaper yourself

Turn your PDF publications into a flip-book with our unique Google optimized e-Paper software.

دوت.‏ در.‏ ئهركىن ئهمهت / شهرقىي تۈركىستان مهسىلىسىنىڭ خهلقئارالىق مهتبۇئاتلاردا ئهكس ئېتىشى ۋە تهتۈر تهشۋىقات مهسىلىسىقىلىپ،‏ پۈتۈن ئۇيغۇر خهلقىنى جىنايهتچى دەپ قارىلاشتىن قىلچه تهپ تارتمىدى.‏بۇلارنىڭ ئهڭ ۋەهىملىكى ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائهتچىلىكىگه ‏”تېرورىست“‏ قىلىپكۆرسىتىشكه ئۇرۇنۇش ئىدى.‏تهتۈر تهشۋىقاتنىڭ خىتايدا دۆلهت سىياسىتى سۈپىتىدە قوللىنىلىشى‏«مۇستهقىللىق گېزىتى»‏ Independent) The‏)نىڭ مۇخبىرى رۇپىرت كورنۋېلتهتۈر تهشۋىقاتنىڭ ١٩١٧ يىلى رۇسىيهدە يۈز بهرگهن ئۆكتهبىر ئىنقىلابىدا تۇنجىقېتىم دۆلهت سىياسىتى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە بۇ ‏(تهتۈرتهشۋىقاتنى ئېلىپ بارغان)‏ ئورگان ههرقانداق ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ رۇسئىنقىلابىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ١٩١٩ يىلى لېنىن تهرىپىدىن قۇرۇلغانكومىنتېرن ‏(‏Comintern‏)نىڭ باشقۇرۇشىدا ئىكهنلىكىنى بايان قىلىدۇ.‏ كورنۋېليهنه مۇنداق دەيدۇ:‏ ‏«كېيىنچه،‏ تهتۈر تهشۋىقات پائالىيىتىنى ك گ ب داۋاملاشتۇردى.‏١٩٥٢ يىلىدىكى چاۋشيهن ئۇرۇشىدا،‏ ك گ ب ئامېرىكىنى بىئولوگىيىلىكقورال ئىشلىتىش بىلهن قارىلىدى.‏ ١٩٨٠ يىللىرى،‏ تهرەققىي قىلىۋاتقاندۆلهتلهرنىڭ مهتبۇئاتلىرىدا ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ ئهيدىس كېسىلىنى بىرخىل بىئولوگىيىلىك ئۇرۇش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلهپچىقارغانلىقىنى ئېلانقىلدى».‏خىتاي هاكىمىيىتى بارلىق ئورگانلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆرنهكئېلىپ قۇرغاچقا،‏ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ‏(خ ك پ)‏ قۇرۇلغاندىن كېيىن،‏ئالدى بىلهن شىنخۇا خهۋەر ئاگېنتلىقىنى قۇردى.‏شىنخۇا ئاگېنتلىقى:‏ خىتاي خهلق جۇمهۇرىيىتىنىڭ تۇنجى ۋە ئهڭ چوڭ خهۋەرئاگېنتلىقى بولۇپ،‏ ١٩٣١ يىل ١١ ئاينىڭ ٧ كۈنى قۇرۇلغان.‏ شىنخۇائاگېنتلىقىنىڭ چهتئهاللهردە ١٢٠ دۆلهتته،‏ مهملىكهت ئىچىدە ٣٣ رايون ۋە ئۆلكىدە،‏ئۇنىڭدىن سىرت ههربىي رايونلاردا شۆبىسى بار.‏ ئۇنىڭدىن باشقا،‏ قهرەللىك نهشىرقىلىنىۋاتقان ‎٢٠‎دىن ئارتۇق گېزىت ۋە ژۇرنىلى بار.‏خهلق گېزىتى:‏ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مهركىزى كومىتېتى تهرىپىدىنبىۋاسىته باشقۇرۇلىدىغان رەسمىي گېزىت بولۇپ،‏ ١٩٤٨ يىل ٦ ئاينىڭ ١٥ كۈنىقۇرۇلغان.‏ خىتاي هاكىمىيىتى بۇ گېزىتنىڭ دۇنيادىكى تهسىر كۈچى ئهڭ زور ئونگېزىتنىڭ بىرى ئىكهنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمهكته.‏ ٢٠٠٨ يىل ٦ ئاينىڭ ٢٠ كۈنى،‏ خىتاي دۆلهت رەئىسى خۇ جىنتاۋ خهلق گېزىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ٦٠ 239

Hooray! Your file is uploaded and ready to be published.

Saved successfully!

Ooh no, something went wrong!