11.07.2015 Views

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

SHOW MORE
SHOW LESS

Create successful ePaper yourself

Turn your PDF publications into a flip-book with our unique Google optimized e-Paper software.

ئابدۇسسالام ئابدۇلغهنى / شهرقىي تۈركىستان - ئىقتىسادىي هاياتتىكى چهكلىمىلهر يوقسۇللۇق ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تهسىرىمۇدىرى درۇ گلهدنېي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق ئههۋالىنى مۇنداق يىغىنچاقلايدۇ:‏‏«ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلكىلىرىدە ئىش تاپالمايدۇ،‏ شۇڭلاشقا خىزمهت تېپىشئۈچۈن مهملىكهتنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچه بېرىشقا مهجبۇر.‏ ئۇلار هۆكۈمهتتهرىپىدىن مهجبۇرىي ئىشقا ئېلىنغان بولغاچقا،‏ هۆكۈمهتنىڭ قوللىمايدىغانلىقىنىۋە قوغدىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ ئۇلار كهمسىتىلگهنلىكىنى هېس قىلىدۇ.‏ ئۇلارئۆز يۇرتىدا ئېرىشهلمىگهنلىرىگه ياقا - يۇرتلاردا ههرگىز ئېرىشهلمهيدۇ».‏ياش مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزلارنى قۇل قىلىش قىلمىشلىرىئاسىمىلاتسىيه قىلىش يولى بىلهن ئۇيغۇرلانىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋەيرانقىلىشتا خىتاي هۆكۈمىتىنىڭ يهنه بىر ياۋۇز نىيىتى شهرقىي تۈركىستاننىڭيېزا-‏ قىشلاقلىرىدىكى - ١٦ ٢٤ ياشلار ئارىسىدىكى ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقائورۇنلاشتۇرۇش نامىدىكى بىر يېڭى ئۇسۇلنى بهرپا قىلىشىدۇر.‏ ئاتا - ئانىلارغا كارخاناخوجايىنلىرى ۋە يهرلىك ئهمهلدارلار تهرىپىدىن يالغان ۋەدىلهر بېرىلىدۇ.‏ ٢٠٠٦ ۋە– ٢٠٠٧ يىللاردا،‏ شهرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدىن يۈز مىڭلىغانياش ئۇيغۇر قىزلىرى ئېلىپ كېتىلگهن.‏ ئهركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ دوكلاتىغائاساسلانغاندا،‏ قىزلار خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى يهرلىك هۆكۈمهتلهرتهرىپىدىن ئېچىلغان ‏«تهربىيىلهش»‏ كۇرسلىرىنى پۈتتۈرگهندىن كېيىن،‏ بۇرايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇۋېتىلگهن ۋە رەسمىي قۇل ئهمگهكچىلهرگه ئايلاندۇرۇۋېتىلگهن.‏نۇرغۇن ئهمهلدارلار ئۆزلىرىنىڭ قىزلارنى مهجبۇرلاش ۋە ئاتا - ئانىلىرىغا قىزلىرىنىخىتاينىڭ يىراق ۋە ئىسمى ئېنىق بولمىغان يهرلىرىگه ئهۋەتىش توغرىلىقبېسىم ئىشلىتىش قىلمىشىلىرىدا قولى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.‏ ئاتا - ئانىلارههددىدىن زىيادە يوقسۇللۇق سهۋەبىدىن،‏ گهرچه كۆڭلى خالىمىسىمۇ،‏ قىزلىرىنىئهۋەتىشكه مهجبۇر بولغان.‏ بىر تهرەپتىن ئۇلار ئايدا ٣٠٠ دوللارلىق يۇقىرى مائاشتوغرىسىدىكى،‏ شۇنداقلا يول ۋە تۇرالغۇنىڭ ههقسىز بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكىيالغان ۋەدىلهرگه ئالدانغان.‏ يهنه بىر تهرەپتىن،‏ ئاتا - ئانىلارغا ئهگهر قىزلىرىنىبۇ پروگرامما ئۈچۈن بهرمىسه،‏ هاشارغا سېلىنىدىغانلىقى،‏ يهرلىرىنىڭ مۇسادىرەقىلىنىدىغانلىقى،‏ سۇغۇرۇش ئهسلىههلىرىنىڭ كېسىلىدىغانلىقى توغرىسىداتههدىت سېلىنغان.‏قىزلارنىڭ خىزمهت ئورۇنلىرىدىكى ههقىقىي ئههۋالى ئۇيغۇر ئىنسان ههقلىرىقۇرۇلۇشى (UHRP) تهرىپىدىن مۇنداق تهسۋىرلهنگهن:‏ ‏«بۇ قىزلار شهرقىي دېڭىز205

Hooray! Your file is uploaded and ready to be published.

Saved successfully!

Ooh no, something went wrong!