11.07.2015 Views

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

SHOW MORE
SHOW LESS

You also want an ePaper? Increase the reach of your titles

YUMPU automatically turns print PDFs into web optimized ePapers that Google loves.

گۈلدەن سۆنمهز / شهرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى ۋە ئاممىۋىي تهشكىلاتلارقۇرۇلما خاراكتېرلىك تهشكىللىنىش ئهركىنلىكى ئالدىدىكى توسالغۇلار ۋە بۇئاممىۋىي تهشكىلاتلارنىڭ شهرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىدىكى رولى قاتارلىقلاربۇ تېمىنىڭ ئاساسىي ئۇلىنى تهشكىل قىلىدۇ.‏ شهرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىدەئاممىۋىي تهشكىلاتلارنى مۇنداق ئۈچ ئاساسلىق كاتېگورىيهگه يىغىنچاقلاشقابولىدۇ:‏ بىرىنچى كاتېگورىيهدە مهسلىنىڭ كېلىپ چىقىش مهنبهسى بولغانخىتاي دۆلىتىدە ئاممىۋىي تهشكىلاتلار قۇرۇلىدۇ ۋە مهسىلىلهر تهتقىق قىلىنىدۇ.‏ئىككىنچى كاتېگورىيهدە دۇنيادا شهرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى قىلىۋاتقانئاممىۋىي تهشكىلاتلارنىڭ؛ ئۈچىنچى كاتېگورىيهدە بولسا،‏ تۈركىيهدىكى ئاممىۋىيتهشكىلاتلارنىڭ بۇ مۇجادىلىدىكى ئورنى بهلگىلىنىدۇ.‏خىتايدا ئاممىۋىي تهشكىلات قۇرۇلمىسى ۋە مهسىلىلهرخىتاي ئاساسىي قانۇنىدا كىشىلىك ههق هوقۇققا دائىر مهخسۇس بىر بۆلۈمئايرىلغان بولۇپ،‏ مۇشۇ بۆلۈم ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ههقلىرى تونۇلغان . 3 خىتايئاساسىي قانۇنىغا كۆرە،‏ تهشكىلات قۇرۇش ههققىمۇ تهمىنات ئاستىغا ئېلىنغان.‏ئهمما بۇ ههقمۇ ئاساسىي قانۇندا بهلگىلهنگهن باشقا ههقلهرگه ئوخشاش قانۇنۋە سىياسهتلهر ئارقىلىق شۇ ههقنىڭ ئۆزىنىمۇ ئىزدەپ تاپقىلى بولمىغۇدەكدەرىجىدە چهكلهنمهكته.‏ بۇ تېما خىتايلارنىمۇ ئهڭ ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىتىۋاتقانمهسىلىلهردىن بىرى هېسابلىنىدۇ.‏ سوتسيالىست تۈزۈمگه تايانغان خىتايهۆكۈمىتى ئومۇم مهنپهئهتىنى شهخسنىڭ مهنپهئهتىدىن ئهلا بىلىپ،‏ دۆلهتنىڭمهۋجۇدىيىتىنى قوغداشنى ئاساسىي نىشان قىلغاچقا،‏ مهيلى قايسى ساههدەبولۇشىدىن قهتئىينهزەر،‏ كوممۇنىست ئىدىيىگه زىت كېلىدىغان ههرقانداقتهشكىلاتنى دۆلهت مهۋجۇدىيىتىگه ۋە كوممۇنىست رېجىمغا تههدىت دەپ قارىماقتاۋە بۇ تۈر تهشهببۇسلارنى شىددەتلىك باستۇرماقتا.‏ شهرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭئههۋالى تېخىمۇ ۋەهىمىلىك.‏ 1984 يىل 5 ئاينىڭ 31 كۈنى،‏ مىللىيئاپتونومىيىلىك رايون قانۇنى قوبۇل كۆرۈلۈپ،‏ ئېلان قىلىندى ۋە 1984 يىل 10 ئاينىڭ 1 كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلدى.‏ دۆلهتنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنىقوغداش پىكرىنى چۆرىدەپ تۈزۈلگهن بۇ قانۇندا،‏ سوتسىيالىزم،‏ خىتاي كوممۇنىستپارتىيىسىنىڭ رەهبهرلىكى،‏ خهلقنىڭ دېموكراتىك دېكتاتۇرىسى ۋە ماركىسىزم لېنىنىزم ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىگه سادىق بولۇش پرىنسىپلىرىنى ئاساسقىلىش قارارلاشتۇرۇلغان.‏ مىللىي ئاپتونومىيىلىك رايون قانۇنىمۇ خۇددى ئاساسي251

Hooray! Your file is uploaded and ready to be published.

Saved successfully!

Ooh no, something went wrong!