11.07.2015 Views

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

SHOW MORE
SHOW LESS

You also want an ePaper? Increase the reach of your titles

YUMPU automatically turns print PDFs into web optimized ePapers that Google loves.

ئههمهد فارۇق ئۈنسال / شهرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي ۋە دىنىي ئايرىمىچىلىق‏(ئۇيغۇر،‏ تىبهت،‏ مۇڭغۇل،‏ خۇيزۇ ۋە جۇاڭ)‏ ئىچىدە ئۇيغۇر خهلقىنىڭ ئهڭ ئېغىر بهدەلتۆلىشىگه بۇ خهلقنىڭ خهلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئاجىزلىقى،‏ يهنه بىرخىل قىلىپ ئېيتقاندا،‏ ئىگىسىز قېلىشى سهۋەب بولماقتا.‏ مۇڭغۇلىيهنىڭ دۇنياسىياسىتىدە ئههمىيهتسىز،‏ تهسىر دائىرىسى يوق بولۇشى ۋە مۇڭغۇل خانلىرىنىڭخىتاي سارايلىرىدا ئۇزۇن يىللار هۆكۈم سۈرۈشى نهتىجىسىدە،‏ خىتايلار بىلهنمۇڭغۇللار ئارىسىدا نىسبىي ئۈلپهتداشلىق مۇناسىۋىتى شهكىللهنگهن.‏ دالايلامانىڭ خهلقئارادىكى هۆرمهت ئېتىبارى سهۋەبىدىن خىتاي هۆكۈمىتى تىبهتلهرگهسالماقلىق بىلهن مۇئامىله قىلماقتا.‏ئىقتىسادى ئهڭ يۈكسهلگهن دۆلهتلهر ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكهن خىتايجۇمهۇرىيىتىنىڭ نوپۇسى تهخمىنهن ١ مىليارد ٣٠٠ مىليونغا يېتىدۇ.‏ ‏”تهخمىنهن“‏دېيىشىمىزدىكى سهۋەب شۇكى،‏ تهخمىن قىلىش خىتاي جۇمهۇرىيىتى ههققىدەتوغرا مهلۇماتقا ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى.‏ بۇ تهخمىنىي سانغا ئاساسلانغاندا،‏خىتاي جۇمهۇرىيىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ٦٠ مىليون ئهتراپىدا بولۇپ،‏بۇلارنىڭ ١٠ مىليونى شهرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار؛ ٥٠ مىليونىنىبېيجىڭ ۋە ئهتراپىدىكى شهههر رايونلاردا ياشايدىغان خۇي ‏(تۇڭگان)لار تهشكىلقىلىدۇ.‏ ئهمما رەسمىي بولمىغان ستاتىسكا ۋە تهخمىنلهرگه كۆرە،‏ خىتاي دۆلىتىدە٢٠٠ مىليون ئهتراپىدا مۇسۇلمان ياشايدۇ.‏ بۇ مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ههمئىسلام دۇنياسى ههم غهربىي تۈركىستان دۆلهتلىرى ‏(قازاقىستان،‏ قىرغىزىستان،‏ئۆزبهكىستان،‏ تۈركمهنىستان ۋە ئهزەربهيجان)‏ بىلهن كۈچلۈك دىنىي ۋە ئىرقىي بېغىبار.‏ شهرقىي تۈركىستان ههم گېئوپولىتىكا ههم يهر ئاستى مهنبهلىرى جهههتتىنئىستراتېگىيىلىك ئهۋزەللىككه ئىگه بولۇپ،‏ غهربتىكى ئېنىرگىيه زاپىسى مولدۆلهتلهر بىلهن قوشنا بولغاچقا،‏ خىتاي ئۈچۈن بهكمۇ مۇهىم ئههمىيهتكه ئىگه.‏خىتاينىڭ غهربىي شىمالىغا جايلاشقان،‏ يهر كۆلىمى جهههتتىن تۈركىيهنىڭئىككى ههسسىسىگه توغرا كېلىدىغان ۋە يىپهك يولى دەۋرىدىن تاكى يېقىنقىزامانغىچه شهرق بىلهن غهرب ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كهلگهن بۇ يۇرتتارىخىي،‏ ئىرقىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان غهربىي تۈركىستاندۆلهتلىرىدىن سىرت،‏ مۇڭغۇلىيه،‏ ئافغانىستان،‏ پاكىستان ۋە هىندىستانغا ئوخشاشئاسىيا قىتئهسىنىڭ مۇهىم دۆلهتلىرى بىلهن چېگرىلىنىپ تۇرىدۇ.‏213

Hooray! Your file is uploaded and ready to be published.

Saved successfully!

Ooh no, something went wrong!