11.07.2015 Views

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

dogu-turkistan-sempozyumu

SHOW MORE
SHOW LESS

You also want an ePaper? Increase the reach of your titles

YUMPU automatically turns print PDFs into web optimized ePapers that Google loves.

پروف.‏ در.‏ ئالائىددىن يالچىنكايا / شهرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مۇهىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى ۋە خىتاي ئىشغالىيىتىههقىقىي ماهىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان دەلىللهردىن بىرى ئىدى.‏ئىستانبۇلغا كهلگهن قهشقهرىيه ئهلچىسى سهييىد ياقۇب ئهپهندىگه ئهنگىلىيهنىڭمۇياردىمىگه ئېرىشىپ،‏ رۇسىيه بىلهن ياخشى ئۆتۈش تهۋسىيه قىلىندى.‏ ياقۇب بهگباشتىن ئېتىبارەن ئهنگىلىيه ۋە رۇسىيه بىلهن ياخشى ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلىكىگهئىشىنهتتى.‏ خىتاينىڭ قايتا بېسىپ كېلىدىغانلىقىنى مۆلچهرلىگهن ياقۇب بهگهىندىستاندىكى ئىنگىلىز ۋالىيلىقى بىلهن تاشكهنتتىكى رۇس قوماندانلىرىبىلهن ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك مۇناسىۋەت ئورنىتالمىغانلىقى ئۈچۈن ئهلچىسىنىبۇ دۆلهتلهرنىڭ پايتهختلىرىگه ئهۋەتىش قارارىغا كهلدى.‏ شۇنىڭ بىلهن،‏ سهييىدياقۇب خان بىر مهزگىل ئىستانبۇل پېترسبۇگ لوندون ئارىسىدا توختىمايقاتراپ يۈردى . 32 هالبۇكى،‏ ئىنگىلىز هۆكۈمىتى ۋە دۆلهت ئهربابلىرى قهشقهرىيهههققىدە ئاللىبۇرۇن قارار ئېلىپ بولغانىدى.‏ بۇنىڭدىن ئىنگىلىزلهرنىڭ لوندونۋە ئىستانبۇلدا قهشقهرىيه ئهلچىسىگه ئېنىق جاۋاب بهرمهي،‏ يالغان ۋەدىلهر بىلهنۋاقىت ئۇتماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ . 33ئىلى دەريارسىنىڭ نېرى ياقىسىدىكى غهربكه سوزۇلغان هاۋزىسى 1876 يىلىخىتايغا ياردەملهشمهكچى بولغان چاررۇسىيه قوشۇنى تهرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.‏كېيىن،‏ بۇ يهر رۇسىيه بىلهن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا قىلىپ بهلگىلهندى ۋە دۇنيائۇرۇشلىرىدىن كېيىنمۇ ئۆزگهرمهي،‏ شۇ پېتى قېلىپ قالدى . 34 قهشقهرىيهگه بېسىپكهلمهكچى بولغان خىتاي قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى زوزۇڭتاڭ يۈرۈش قىلىشتىنبۇرۇن تولۇق تهييارلىق كۆردى.‏ بۇنىڭ ئۈچۈن،‏ بېيجىڭدىكى ئىنگىلىز بانكىسىدىنيېتهرلىك مىقداردا قهرز پۇل ، 35 تۈركىستاندىكى رۇس ئومۇمىي ۋالىيلىقىدىنيېمهكلىك ۋە سايمان جابدۇق ئالدى.‏ ههممىدىن بهك ئېهتىياجلىق بولغانئاشلىق داننى رۇسلار تهمىنلىدى . 36 زوزۇڭتاڭ تهييارلىق كۆرۈۋاتقان مهزگىللهردە،‏ئهنگىلىيه،‏ رۇسىيه ۋە خىتاي پايتهختلىرىدە قهشقهرىيهنىڭ كېلهچىكىگهمۇناسىۋەتلىك پائالىيهتلهر جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى.‏ 1876 يىلىنىڭئاخىرقى ئايلىرى هۇجۇمغا ئۆتكهن زوزۇڭتاڭ ئاۋۋال ئۈرۈمچىنى،‏ 1877 يىلى يازداتۇرپاننى ئىشغال قىلدى.‏ مهركىزىي قوشۇننىڭ باش قوماندانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقانياقۇب بهگ ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ ئىشغالچىلارغا قارشى كۈرەشكه ئاتلانماقچى بولغانبىر پهيتته،‏ تۇيۇقسىز كېسهل تارتىپ،‏ بىر نهچچه سائهت ئىچىدە ۋاپات بولدى ‏(ئهسلىدەياقۇب بهگنى خوتهن هاكىمى نىياز هېكىم بهگ زەههرلىگهنىدى تهرجىماندىن)‏ . 3747

Hooray! Your file is uploaded and ready to be published.

Saved successfully!

Ooh no, something went wrong!